مۇنبەرگە قاتناشقان ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باش مەقسەتلىك سۆزىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-15 17:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇنبەرگە قاتناشقان ئەربابلار 14-ماي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان باش مەقسەتلىك سۆزىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى.

ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پېررى ماختاپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت ئىنستىتۇتى ئاسىيا ۋە يەرشارىلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە بىر بەلباغ بىر يولغا ناھايىتى يۇقىرى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىندى، بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: 21-ئەسىردە دۇنيا نۇرغۇن خىرىس ۋە ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بىز جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا ئىنتايىن ئاپىرىن ئېيتىمىز. قەدىمىي يىپەك يولى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى تۇتاشتۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق يەنىلا مۇھىم.

گرېتسىيە زۇڭلىسى چىپۇراس مۇنداق دېدى: ھازىرقى دەۋردە دۇنيا ئىقتىساد، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ناھايىتى كۆپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. كىرىزىس ئالدىدا، كىشىلەردە ناھايىتى ئاسانلا يېتىمچىلىك خاھىشى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، بۇ دەل بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى.

ئەنگلىيە كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى مارتېن ياك مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنى مول، تەپەككۇر يولى كەڭ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىدېئولوگىيە، ئوخشاش بولمىغان ئىرىقتىكىلەرنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا سەمىمىي چاقىردى، بۇ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، كەڭ قورساقلىقنى تەكىتلىگەنلىك، بۇ نۇرغۇن غەرب ئەللىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان يەرشارىلاشتۇرۇشقا قارشى ئىدىيەۋى ئېقىم بىلەن پەرقلىنىدۇ.

ۋېنېسۇئېلا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋانسارىس مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشىدىن ھالقىش، مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىنى ئەينەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن ھالقىش، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ھالقىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش كېرەك.

چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ. چىلى بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بازارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، كەڭ قورساق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، سابىق زۇڭلى راففارىن مۇنداق دېدى: كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا. جۇڭگونىڭلا ئەمەس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.