تىرامپ ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 16-ماي ئاقسارايدا زىيارەتكە بارغان تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن دەز كەتكەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇشى دەپ قارالدى.

تىرامپ شۇ كۈنى سۆھبەتتىن كېيىن تېلېۋىزىيەدە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىتتىپاقداشلار، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى. ھازىر ئىككى دۆلەت تېررورىزمدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق دۈشمەنگە قولمۇ-قول تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» ۋە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.