خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە يېپىق كېڭەش ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى، ئۇرۇگۋاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى روسېللى 16-ماي مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى چاۋشيەننىڭ يېقىندا بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناپ قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا يېپىق كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى ئەمدى يادرو سىنىقى قىلماسلىق ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناپ قويۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

روسېللى يېپىق كېڭەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى كېڭەشتە جازالاش، تىنچ دىپلوماتىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئاماللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، كېڭەش نەتىجىلىك بولدى.

روسېللى مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، تىنچ، دىپلوماتىك، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ، ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ.