ۋۇ خەيتاۋ كوسوۋو مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ 16-ماي كوسوۋو مەسىلىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ۋۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كوسوۋونىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم، بىراق يەنىلا چوڭقۇر قاتلاملىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو بېلگراد بىلەن پىرىستانىنىڭ يەنە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىنى، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان روھ بويىچە، ھاسىل قىلىنغان ھەر تۈرلۈك كېلىشىملارنى تېزراق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1244-نومۇرلۇق قارارى كوسوۋو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم قانۇنىي ئاساسى. ھەرقايسى تەرەپلەر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارار رامكىسى ئىچىدە، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلىشى لازىم.