فىرانسىيە مىللىي پارلامېنت سايلىمىغا ئىككىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىش باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 14:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

فىرانسىيە مىللىي پارلامېنت سايلىمىغا ئىككىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىش 18ئىيۇن فىرانسىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلدى. نۇرغۇن پارتىيەلەرنىڭ 1100دىن ئارتۇق نامزاتى مىللىي پارلامېنتتىكى 577 ئورۇننىڭ 573نى تالىشىدۇ. 11-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق سايلامدا باشقا تۆت ئورۇن بەلگىلەنگەن ئىدى.

تۇنجى قېتىم ئاۋاز بېرىشتە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون قاراشلىق جۇمھۇرىيەت ئالغا پارتىيەسى بىلەن ئارىلىقتىكى پارتىيە فىرانسىيە دېموكراتىك ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە لاگېر غەلىبە قىلغان. فىرانسىيەدىكى نۇرغۇن ئەلئارا تەكشۈرۈش ئورگىنى ماكرون قاراشلىق بىرلەشمە لاگېر بۇ قېتىمقى سايلامدا مىللىي پارلامېنتتىكى 400دىن 450گىچە ئورۇنغا ئېرىشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.