ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى: موسۇلدىكى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىمىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 14:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراق ئارمىيەسى 18-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىككىنچى شەھىرى موسۇلدا كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ھۇجۇم قوزغىدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: «ئىسلام دۆلىتى» كونتروللۇقىدىكى كونا شەھەرنىڭ مەركىزى رايونىدىكى ئۆيلەر بىر قەدەر زىچ، كوچىلار تار بولۇپ، نۇرغۇن پۇقرالار بۇ يەردە ياشايدۇ، يەنە كېلىپ «ئىسلام دۆلىتى» 2014-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل مۇشۇ يەردە تۇرۇپ كەلگەن، شۇڭا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ رايوننى قاچان ئومۇميۈزلۈك ئازاد قىلىپ بولىدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش تەس.