لوندوندىكى بىر يۈك ماشىنىسى ئادەملەر توپىغا سوقۇلۇپ نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:43

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندۇندا 19-ئىيۇن سەھەردە بىر يۈك ماشىنىسى ئادەملەر توپىغا سوقۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغان، ھازىر بىر گۇمداندارنى ساقچىلار قولغا ئالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، ۋەقە لوندوننىڭ شىمالىدىكى فىنسبۇرىي باغچىسىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن. ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار كومىتېتى تىۋىتتىردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ: بىر يۈك ماشىنىسى فىنسىبۇرىي باغچىسى مەسچىتىدىن ئايرىلىۋاتقان كىشىلەر توپىغا سۇقۇلدى دېدى.

لوندون ساقچى دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت نۆلدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ساقچىلار ئادەم سوقۇش ۋەقەسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ھازىر 48 ياشلىق بىر ئەر قولغا ئېلىندى. تاراتقۇلار ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ۋەقەدە بىر كىشى قازا قىلدى، ئاز دېگەندە ئون كىشى يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر دېدى. ھازىر ۋەقە يۈز بەرزگەن نەق مەيدان قامال قىلىنغان.