ماكرون لاگىرى فىرانسىيە مىللىي پارلامېنتىدىكى مۇتلەق كۆپ ئورۇنغا ئېرىشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:44

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 18-ئىيۇن كەچتە ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئاۋاز ھىسابلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون قاراشلىق جۇمھۇرىيەت ئالغا پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە لاگىر مىللىي پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، كېلەر نۆۋەتلىك مىللىي پارلامېنتتا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تولۇقسىز ئىستاتىستىكا نەتىجىسدىن ئايان بولۇشىچە، ماكرون قاراشلىق جۇمھۇرىيەت ئالغا پارتىيەسى بىلەن ئارىلىقتىكى پارتىيە فىرانسىيە دېموكىراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە لاگىر 294 ئورۇنغا ئېرىشىپ، مىللىي پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئۇرۇن ئېھتىياجلىق 289 ئورۇندىن ئېشىپ كەتكەن.

فىرانسىيەدىكى نۇرغۇن ئەلئارا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىرلەشمە لاگىر بۇ قېتىمقى سايلامدا مىللىي پارلامېنتتىكى 355 ئورۇنغا ئېرىشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى، بۇ ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇنقى مۆلچەردىكى 400 ئورۇندىن ئاز.