سۇرىيە ئارمىيەسى: خەلقئارا ئىتتىپاق سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:44

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

سۇرىيە ئارمىيەسى 18-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى راققا ئۆلكىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مەزكۇر ئايروپىلان ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. سۇرىيە ئارمىيەسى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئوچۇق ئاشكارە ئېغىۋارگەرچىلىك قىلمىشى بولۇپ، سۇرىيە قىسمىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، سۇرىيە ئارمىيەسى سۇرىيەدە تېررورزىمغا قانۇنلۇق زەربە بېرىدىغان بىردىن-بىر ئۈنۈملۈك كۈچ.

سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا بۇ ۋەقەنىڭ «خەتەرلىك ئاقىۋىتى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل ھۇجۇم سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا قارشى كۆرۈشى ۋە سۇرىيەنىك بىخەتەرلىك، مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ دەپ تەكىتلەندى.