ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن سۇرىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ نىشانىغا زەربە بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 17:45

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتى 18-ئىيۇن كەچتە ئىراننىڭ غەربىدىكى كولېمانشاھ ئۆلكىسى بىلەن كوردىستان ئۆلكىسىدىكى ھەربى بازىدا يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەرزۇر رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ نىشانىغا زەربە بەرگەن.

ئىران پارىس ئاگېنتلىقى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتى ئېلان قىلغان باياناتنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ تېررورچىلارنىڭ 7-ئىيۇن پايتەخت تېھراندا سادىر قىلغان جىنايىتىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب، بېكىتىلگەن نىشانغا ئوڭۇشلۇق زەربە بەردۇق.

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغداىنىش ئەترىتى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە يەردىن يەرگەن قويۇپ بېرىلىدىغان ئالتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، بىراق بۇنىڭ كونكىرت تىپىنى ئاشكارىلىمىدى.