بېلارۇسىيەدە «سىلاۋيان بازىرى» خەلقئارا سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 14:59

26-نۆۋەتلىك «سىلاۋيان بازىرى» خەلقئارا سەنئەت بايرىمى 13-ئىيۇل كەچ بېلارۇسىيەنىڭ ۋىتېبسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان سەنئەت بايرىمىدا ناخشا-ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.