ئابباسنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:54

پەلەستىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك تۈنۈگۈن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللاھتا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسنىڭ پات ئارىدا جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتى ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى باشقىلاردىن پەرقلىق، يېقىندىن بۇيان كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئابباسنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگوغا قىلىدىغان سەپىرى پەلەستىن بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.