تۈركىيە زۇڭتۇڭى: جىددىي ھالەتنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەكلىپى بېرىمەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:56

تۈركىيە ۋاقتى 16-ئىيۇل سەھەردە پايتەخت ئەنقەرە پارلامېنت بىناسى مەيدانىدا تۈركىيەدە ئىشقا ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان يىغىلىشقا قاتناشتى ھەمدە جىددىي ھالەتنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەكلىپى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەدوئان يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە دېموكراتىيەنى قوللاش قەتئىي ئىرادىسىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۈشمىنىمىز دۆلىتىمىزنى پارچىلىيالمايدۇ، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز.

ئەردوئان يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى- دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى 17-ئىيۇل يىغىن ئېچىپ، ھازىر بار بولغان دۆلەتنىڭ جىددىي ھالىتىنىڭ ۋاقتىنى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ تەكلىپنى كابىنتقا سۇنىدۇ، ئارقىدىن بۇ تەكلىپ پارلامېنت يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدۇ.