ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يادرو بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تۈرىنى باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:57

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ ئۈلۈشكۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا بىرلىشىپ يادرو بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تۈرىنى باشلىغان.

بۇ تۈردىن مەقسەت ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2016-يىلى ئىمزالىغان بەش مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بىر يۈرۈش ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ماقۇللاپ، ئىراننىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ يادرو بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى جۈملىدىن بىر يادرو بىخەتەرلىك مەركىزى قۇرۇشنى كۈچەيتىش.

ئالاقىدار كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ يادرو بىخەتەرلىك نازارەت تارماقلىرىنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش رامكىسى قۇرۇشىنى قوللايدۇ ھەمدە ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىغا چېتىشلىق بىر يۈرۈش خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشنى قوللايدۇ.