جۇڭگو بىلەن ئىفوپىيەنىڭ ئۆتكەن يىللىق ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 5 مىليارت 400 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 11:53

جۇڭگو بىلەن ئىفوپىيەنىڭ ئۆتكەن يىللىق ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 5 مىليارت 400 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى

ئىفوپىيە سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2016- يىلى، جۇڭگو بىلەن ئىفوپىيە ئوتتۇرسىدىكى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 5 مىليارت 400 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

ئىفوپىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مۇناىسۋەت ۋە ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى 11-ئاۋغۇست تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى 2000- يىلدىكى جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ پايدسىدىن بولدى. جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو بىلەن ئىفوپىيە ئوتتۇرسىدا ۋە جۇڭگو بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇغلۇقى ئوتتۇرسىدا ئورتاق سۆزلىشىش ۋە دۆستانە ھەمكارلىىشىدەك مۇھىم سەھنىنى بەرپا قىلدى.