ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا سودا تەكشۈرۈشنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 12:25

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك ئەمەلدارى 12-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ تىرامپ 14-ئاۋغۇست مەمۇرىي ئەسلەتمىنى ئىمزالاپ، ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاتالمىش جۇڭگو سودا ھەرىكىتىنى يولغا قويغان قويمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، بۇ تەدبىر ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللىنىپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك ئەمەلدارى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفوندا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تىرامپ كېيىنكى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ 1974-يىلىدىكى سودا قانۇنى بويىچە جۇڭگونى تەكشۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. ئامېرىكا تەكشۈرۈشنى قارار قىلىدىغان بولسا، ئالدى بىلەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېڭىشىدۇ، تەكشۈرۈشنىڭ تەرتىپى بىر يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن.

جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋفىڭ 3-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تۈرتكىچى قۇرالى بولۇپ، بىر-بىرىگە تايىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.