بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ياشلارنىڭ تىنىچ دۇنيانى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشىنى...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 12:27

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ياشلارنىڭ تىنىچ دۇنيانى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى

خەلقئارا ياشلار كۈنى يىتىپ كېلىش ھارپىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يازلىق ياشلار يىغىنى 11-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇرۇكتىكى باش ئورگىنىدا ئىچىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى گۇترىس شۇ كۈنى ۋېديولۇق سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ تىنىچ دۇنيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۇمىد قىلدى.

گۇترىس مۇنداق دېدى: ئىقتىدرلىق ياشلار توقۇنىشدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ياشلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئشقا ئاشۇرۇشى كىرەك.

ياشلارنىڭ رولىنى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، گۇترىس 26 ياشلىق سىرلانكىلىق جايتىمانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ياشلار ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.