ۋېنسۇئىللا ئامېرىكىنىڭ ۋېنسۇئىللاغا قۇرال كۇچى جەھەتتە تەھدىدى سالغانلىقىنى ئەيىبلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 12:29

ۋېنسۇئىللانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئارۇياسا 12-ئاۋغۇست، ۋېنسۇئىللانىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنسئۇللاغا قۇرال كۇچى جەھەتتە تەھىدىد سالغانلىقىنى كۇچلۇك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى، ھەمدە لاتىن ئامېرىكسى ئەللىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ رايۇن تىنىچلىقىنى قوغدىشىنى مۇراجەت قىلدى.

ئۇ شۇ كۈنى ۋېنسۇئىللادا تۇرۇشلۇق بارلىق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بارلىق دۆلەت خەلقلىرى ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى ۋە تۇرۇلمىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە تىڭىشىغا قارشى تۇرۇشى كىرەك.

ۋېنسئۇللا ئاساسى قانۇن تۇزۇش يىغىنى شۇ كۈنى يىغىن ئىچىلدى، 545 ئەزا ئامېرىكىنىڭ قۇرال كۇچى ئارقىلىق ۋېنسئۇللاغا تەھىدىد سېلىشىنى ئەيبلەش توغرىسىدىكى قارارنى بىردەك مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللىدى.