پاكىستاننىڭ بىر ھەربىي ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچىراپ 15 كىشى قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 12:30

پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 12- ئاۋغۇست جەۋەر قىلىشىچە: پاكىستاننىڭ بىر ھەربىي ئاپتومبىلى شۇ كۈنى كەچتە پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبي قىسمىدىكى بىلىجىستون ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كۋېتتادا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 15 كىشى قازا قىلغان، 30 كىشى يارىلانغان.

پاكىستان زوڭتوڭى ھۇسەيىن بۇمبا ھۇجۇمىنى ئەيبلىگەن، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياردارلارنى پۇتۇن كۇچى بىلەن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ھازىرغىچە، بىرەر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قىتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرمىگەن، شۇ يەردىكى خەۋىپسىزلىك خادىملىرى ۋەقە يۇز بەرگەن جايغا يېقىن رايۇنلارنى قامال قىلغان ھەمدە تەكشۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارغان.