پەلەستىن ئىسرائىلىيەنى ئېرۇسالىمدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەبرىسىنى بۇزدى دەپ ئەيىبلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:50

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 11-سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېرۇسالىم كونا شەھىرى تېمىغا يېقىن جايدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىر قەبرىستانلىقىنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ ئاخباراتتا مۇنداق دېدى: بۇ جىنايى ھەرىكەت ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي يېرۇسالېمدا يولغا قويغان يەھۇدىيلار مەھەللىلىرى پىلانى قاتارلىقلار، پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاقىدار بارلىق خەلقئارا قارارلارغا ئېغىر دەرىجىدە زەربە بەرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بۇنىڭغا تىزدىن ئارىلىشىپ، بۇ جىنايى ھەرىكەتلەرنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئسىرائىلىيەنىڭ بىر توپا قىزىش ماشىنىسى پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىر قەبرىستانلىقىنىڭ تېمىنى بۇزغان، ھەمدە ئىچىگە كىرىپ تازىلاش ھەرىكىتىنى ئىلىپ بارغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا،بۇ يەردە تەخمىنەن 400 پەلەستىنلىكنىڭ قەبرىسى بار ئىكەن.