خاماس فاتاخ بىلەن قاھىرەدە يارىشىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:51

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

غەززە رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرغان پەلەستىندىكى ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس 11- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خاماس پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخ بىلەن دەرھال قاھىرەدە يارىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە ۋە بۇندىن ئىلگىرى ئىمزالانغان يارىشىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەييارلاندى.

باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خاماس ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى، ئەمەلى كونترول قىلىپ تۇرغان غەززە رايونىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مەمۇرى كومىتېتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى، ھەمدە پەلەستىن يارىشىش ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى باشقۇرۇشىغا قوشۇلدى، ئارقىدىن قاھىرەدە پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار قاتناشقان كېڭەيتىلگەن يارىشىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى.

خاماس باياناتىدا يەنە مىسىر بىلەن چېگرالىنىدىغان غەززە رايونىنىڭ مىسىرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان رايون بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.