لىۋان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:52

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋان ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.

لىۋان زۇڭتۇڭى مىشىل ئوئىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇشى شۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لىۋان تەرەپنىڭ لىۋان زېمىنىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.