ئىراق پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، كۇرد رايونىنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىغا...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 10:26

ئىراق پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، كۇرد رايونىنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىغا قارشى تۇردى

ئىراق مىللىي پارلامېنتى 12- سېنتەبىر قارار ماقۇللاپ، ئىراقتىكى كۇرد ئاپتونومىيە رايونىنىڭ يېقىندا مۇستەقىللىقنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويماقچى بولغانلىقىغا قارشى تۇردى.

مىللىي پارلامېنتىنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: شۇ كۈندىكى يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنتتىكى كۆپ ساندىكى ئەزالار كۇردلار رايونىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىغا قارشى تۇرۇش قارار ماقۇللاندى. قاراردا ئىراق زۇڭلىسى ئابادىنڭ بىر قاتار تەدبىر قوللىنىپ ئىراقنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى، ھەمدە كۇرد رايونىدا ھەقىقىي سۆزلىشىش ئىلىپ بېرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن كۇرد رايونى ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىندى.

بۇ خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە: كۇرد پارلامېنت ئەزاسى بۇ قارار ئاۋازغا قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن.