بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 10:28

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 11- سېنتەبىر تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەڭ كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن شۇ كۈنى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا يۇز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، بۇنى ، نومۇسلارچە ئىلىپ بېرىلغان ھەرىكەت دېدى.

باياناتتا، بۇ خىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىنى، قوماندانلىق قىلغۇچىنى، ياردەم بەرگۈچىلەرنى ۋە ئۇنى يولغا قويغۇچىلارنى قانۇن تورىغا ئىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ، مىسىر ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇسى بولغان ئەل ئېھرام گېزىتىنىڭ 11- سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: مىسىرنىڭ بىخەتەرلىكنى چارلىغۇچى بىر ئەترىتى شۇ كۈنى سىناي يېرىم ئارىلىدا ئاپتوموبىللىق بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ۋە يوشۇرۇنۇپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچراپ 18 ساقچى ۋە پۇقرا قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا بەش كىشى يارىلانغان. ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.