بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72- نۆۋەتلىك يىغىنى ئىچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 10:30

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72- نۆۋەتلىك يىغىنى 12- سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئىچىلدى. ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان يەر شارىدىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تىنچلىق ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى تىرىشىپ يارىتىش، بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72- نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى مىلوسىروف لەچىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئادەمنى مەركەز قىلىش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت سۈپىتىنى ھەمدە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇچ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دۇنيادا تېخىمۇ گۈزەل جايغا ئايلاندۇرىدۇ.