مىسىردا بۇنىڭدىن 3400 يىل بۇرۇنقى ئامون ئىلاھى زەرگىرىنىڭ قەبرىسى بايقالدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:37

9-سېنتەبىر، مىسىر ئامون ئىلاھى زەرگىرى قەبرىسىدىن تارتىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار سىرتقا ئاشكارىلاندى

مىسىر مەدەنىي يادىكارلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ 9-سېنتەبىر ئېلان قىلىشىچە، مىسىر ئارخېئولوگلىرى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى لۇكسور دېگەن جايدىن قەدىمىي مىسىر 18-خاندانلىق دەۋرىدىكى ئامون ئىلاھىغىلا خىزمەت قىلىدىغان زەرگەرنىڭ قەبرىسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ قەبرە 3400 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.