ئامېرىكا پارلامېنتى تىرامپنى ئاق تەنلىكلەر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇش مەستلىكىنى ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 16:56

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى 11-،12-سېنتەبىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئېرىقچىلىق، ئەسەبىيلىك ۋە ئاق تەنلىكلەر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇش مەستلىكىنى قوللايدىغان ئۆچمەنلىك تەشكىلاتلىرىنى ئەيىبلەشكە دەۋەت قىلدى.

بۇ قارار لايىھەسىنى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنىت ئەزالىرى كېڭىشىپ تۈزگەن، كېڭەش، ئاۋام پالاتاسىدا بىردەك ماقۇللانغان ھەمدە تىرامپنىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئاق سارايغا سۇنۇلغان.

قارار لايىھەسىدە تىرامپنىڭ ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىرقچىلىق، ئەسەبىيلىك، يەكلىمىچىلىك، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش، ئاق تەنلىكلەر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇش مەسلىكى قوللايدىغان ئۆچمەنلىك تەشكىلاتى»غا قارشى تۇرۇشى ھەمدە زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭتۇڭ كابىنېتىدىكى بارلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىقتىن پايدىلىنىپ، بۇ ئۆچمەنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشى مۇراجىئەت قىلىندى.