چاۋشيەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان قارارىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 17:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەننىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتى 13-سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 11-سېنتەبىر ماقۇللىغان چاۋشيەنگە چېتىلىدىغان قارارى قانۇنسىز بولۇپ، چاۋشيەن بۇ قارارنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرىدۇ.

چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان چاۋشيەننىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2375-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللىدى. بۇنىڭدىن مەقسەت چاۋشيەننى ھەققانىي قوغدىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىش ئارقىلىق چاۋشيەننى ۋە چاۋشيەن خەلقىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتەك ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى، چاۋشيەن بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرىدۇ.

ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدە يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغان قانۇنسىز جازالاش قارارى ئويۇنى چاۋشيەن ئۆزى تاللىغان يولنىڭ توغرىلىغىنى بېكىتتى، شۇنداقلا چاۋشيەن بۇ يولدا مېڭىشدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، بۇ توغرا يولدا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاخىرغىچە ماڭىدۇ. چاۋشيەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەۋجۇت بولۇش تۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كۈچنى چىڭىتىشنى تېزلىتىدۇ.