رۇسىيە چاۋشيەن بىلەن يېقىندىن سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 17:02

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پەۋقۇلئاددە باش ئەلچىسى بىرمۇستوروف 12-سېنتەبىر موسكۋادا چاۋشيەننىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە چاۋشيەن بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ بارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېقىندىن سۆزلىشىشنى خالايدۇ.

تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە : بۇرمىستىروف، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، رۇسىيەنىڭ چاۋشيەن رەھبەرلىرىنىڭ ئاقىل ئىش كۆرۈشىنى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئۇسۇلى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.