رىيابوكوف: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىشنىڭ نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلالمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 17:03

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابوكوف 12-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن 11-، 12-سېنتەبىر فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھىلسىنكىدا ئۆتكۈزگەن سۆزلىشىشنىڭ نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 12-سېنتەبىر رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا، بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت كەيپىياتىنىڭ جىددىي بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

فىنلاندىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنڭ سۆھبەتلىشىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىغان. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە سۆھبەتلەشمەيدۇ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە قېيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.