ۋېنېسۇئىللا زۇڭتۇڭى ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن قايتىدىن سۆزلىشىشكە قوشۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 17:07

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ۋېنېسۇئىللا زۇڭتۇڭى مادۇرو 12-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: مەن ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى ساپاتىرو ھەمدە دۇمىنىكانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارجانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋېنسۇئىللادىكى ئۆكتىچى پارتىيە ئىتتپىاقى بىلەن سۆزلىشىشكە قوشۇلدۇم. مادۇرو سۆزىدە، سۆزلىشىشنىڭلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىپ، ئىچكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مادۇرو يۇقىرىقى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، ئۆكتىچى پارتىيە ئىتتىپاقى شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇن تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى، مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن قايتىدىن سۆزلىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.