چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 14:51

جۇڭگونىڭ ۋيېنادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى شى جوڭجۈن تۈنۈگۈن ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قايتا-قايتا نەسىھەتىگە پىسەنت قىلماي، 3-سېنتەبىر يەنە بىر قېتىم يادرو سىناق قىلدى. بۇ يادرونى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىغا زىت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئېغىر خىلاپ، بۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بۇزىدۇ، جۇڭگو بايانات ئېلان قىلىپ قەتئىي قارشى تۇرۇشتەك كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

شى جوڭجۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىراق جۇڭگودىن چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىش قارىشى ئوبيېكتىپ ئەمەس ھەم ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىدىغان بىۋاسىتە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ پەسەيتىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى دەۋەت قىلىمىز.