قارا تاغ زۇڭلىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قارا تاغنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 14:53

قارا تاغ زۇڭلىسى ماركوۋىچ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قارا تاغنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، قارا تاغنى مەزكۇر رامكىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قارا تاغنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ماركوۋىچ شۇ كۈنى قارا تاغ ئىقتىسادشۇناسلار ۋە باشقۇرغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى ۋە يەرشارىلاشتۇرۇش بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى مۇنبىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە جەريانىدا باراۋەر سۆزلىشىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ غەلىبە قىلىش پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا ئىجابىي كۈچ يەتكۈزدى. قارا تاغ جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىشىشىنى خالايدۇ.