سىنگاپوردىكى پاراخوت ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە جۇڭگولۇق بىر پاراخوت خادىمى بەختسىزلىككە ئۇچرىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 14:53

سىنگاپور دېڭىز ۋە پورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، شۇ كۈنى سەھەردە سىنگاپور دېڭىز ساھىلىدە پاراخوت ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە بەش خادىم يوقاپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىيلەننىڭ جەسىتى تېپىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ جۇڭگولۇق يەنە بىرەيلەننىڭ مالايسىيەلىك ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

ھازىر، قۇتقۇزۇۋېلىنغان جۇڭگولۇق يەتتە پاراخوت خادىمى سىنگاپور مەركىزى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلدى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ كۆكرەك ۋە باش قىسمى يارىلانغان، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، باشقا ئالتەيلەن زەخمىلەنمىگەچكە دوختۇرخانىدىن چىققان.