ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق سۇرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 22 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-14 14:55

ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق تۈنۈگۈن سۇرىيەنى نىشانلاپ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، 22 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئىتتىپاق شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى راققا شەھىرىدىكى ئاھالىلەر رايونى ۋە سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەرزۇر ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، بۇ ئىككى جايدا ئايرىم-ئايرىم 11 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

سۇرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، خەلقئارا ئىتتىپاق سۇرىيەنى نىشانلاپ كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، نەچچە يۇز پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان.#(ئا*)