ئىران زۇڭتۇڭى: ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:00

 

ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانىي تۈنۈگۈن كابىنىت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن ۋاز كەچسە، ئىلگىرىكى خاتالىقىنى تەكرارلىغانغا باراۋەر، بۇ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق.
روھانىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ئىمزالىغۇچى ئالاقىدار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئابرويىنى قوغداشمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە باغلىق. ھازىر ئىمزا قويغۇچى باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا قوشۇلمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرمۇ ساناقلىقلا.

ترامپ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، ئىرانغا قاتتىق مەيدان قوللاندى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چىكىنىپ چىقىمىز دەپ تەھدىت سالدى، ئىران بولسا قايتىدىن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك: ترامپ پات ئارىدا ئىراننىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشىنى يەنە ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ئومۇميۈزلۈك سىياسىتىنى جاكارلايدۇ ھەم ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش تەدبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى كەلتۈرمەسلىكنى پارلامېنتنىڭ قارار قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.