ئىراق ئەدلىيە ئاپپاراتى كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:02

ئىراق ئەدلىيە ئاپپاراتى كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى تەشكىللىگۈچىلەرگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

ئىراق ئەدلىيە ئاپپاراتى تۈنۈگۈن كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا تەشكىللىگۈچىلەرگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئىراق زۇڭلىسى ئابادى ئۈلۈشكۈن كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قارشى تۇرۇش مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ: مەركىزى ھۆكۈمەت ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش مەسىلىسىدە كۇرت ئاپتونوم رايونى بىلەن سودىلاشمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قاراپ تۇرمايدۇ، ھەر قانداق سۆزلىشىش دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلغان ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دېدى.