ترامپ شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى توختىتىمىز دەپ يەنە تەھدىت سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 11-ئۆكتەبىر ئامېرىكا كانادا، مېكسىكا بىلەن ئىمزالىغان شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى توختىتىدۇ دەپ يەنە تەھدىت سېلىپ: ئىككى دۆلەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمى ئىمزالىشىنى يوققا چىقارمايمىز دېدى.

ترامپ شۇ كۈنى ئاق سارايدا زىيارەتكە بارغان كانادا زۇڭلىسى ترودو بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى يېڭىلاش ئىنتايىن جاپالىق، ئۈچ دۆلەتنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلالماسلىق ئېھتىماللىقى مەۋجۇت؛ ناۋادا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى توختىتىلىدۇ.