تۈركىيە زۇڭلىسى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈركىيە زۇڭلىسى يىلدىرىم 11-ئۆكتەبىر: يېقىندا ماجىرا ئۈزۈلمەيۋاتقان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق نورماللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

يىلدىرىم شۇ كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىندا مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن نورماللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، تۈركىيە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى دىپلوماتىيە «ساۋاتلىرى» ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ.