ئىسپانىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق قول جاۋاب بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:11

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى راخوي 11-ئۆكتەبىر ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي يىغىنىدا: كاتالونىيە مۇستەقىللىق جاكارلىسىلا مەركىزى ھۆكۈمەت بىر ھەپتە ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈۋالىدۇ دېدى.

راخوي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى پۇگېرتمانتې 16-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن «مەركىزى ھۆكۈمەتكە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقنى جاكارلايدىغان ياكى جاكارلىمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشى كېرەك»، بۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كېيىكى قەدەمدىكى ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدۇ. كاتالونىيەنىڭ رەسمىي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغانلىقى جەزملەشكەن، يەنە كېلىپ مەسىلىنى قانۇن-تۈزۈم رامكىسى ئاستىدا ھەل قىلىشنى خالىمىغان ھامان، ئىسپانىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ 19-ئۆكتەبىر ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 155 ماددىسىغا ئاساسەن، كاتالونىيە يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ھازىر راخوينىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسى پارلامېنتتىكى ھەر قايسى ئاساسلىق گۇرۇھلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى.