ئامېرىكا تەپتىشلىرى جاڭ يىڭيىڭ دېلوسىنى ئەرز قىلغاندىن كېيىنمۇ گۇماندار يەنىلا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 18:13

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا تەپتىشلىرى يېقىندا جۇڭگولۇق بىلىم ئاشۇرغۇچى جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىۋالدى دەپ گۇمان قىلىنغان جاۋابكار كىرىستېنسېننى يېڭىدىن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، 11-ئۆكتەبىر سوت مەھكىمىسى قايتىدىن سوت ئاچتى، كىرىستېنسېن يەنىلا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى.

شۇ كۈنى ئامېرىكا ئىللىنويىز ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قوشما ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى گۇماندارغا بىر تۈرلۈك تۇتقۇن قىلىپ جانغا زامىن بولۇش، ئىككى تۈرلۈك ساختا باياندىن ئىبارەت يېڭىدىن قوشۇلغان ئۈچ تۈرلۈك جىنايەتنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە جىنايەت گۇماندارىغا ناۋادا ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە جىنايى ئىشلار جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى.

سوتچى سوتتا دېلودىكى تەييارلىق سوتنىڭ كېلەر يىلى 12-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، سوتنىڭ 27-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جاڭ يىڭيىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قانۇنىي ياردەم بېرىدىغان جۇڭگولۇق ئادۋوكات ۋاڭ جىدوڭ مۇنداق دېدى: جىنايەت گۇماندارىنىڭ بۈگۈن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى تەسەۋۋۇردىكى ئىش، بىز مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان ئىدۇق. تەپتىش جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىدىغان يېتەرلىك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.