كورېيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتىدىن ئاچماقچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:56

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

كورېيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولغا قايتىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بۇ يىل مارتتىن ئېتىبارەن ئۈزۈلۈپ قالغان كورېيە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتىدىن ئاچىدۇ، كورېيە ئاۋىياتسىيە ساھەسىمۇ جۇڭگو لىنىيەسىنى قايتىدىن ئېچىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى.

بىراق قايسى ۋاقىتتا كوللېكتىپ ساياھەت ۋىزىسىنى قايتىدىن تارقىتىش تېخى ئېنىق ئەمەس، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر كېلەر يىلى فېۋرالدا پىڭ چاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت دەل جۇڭگونىڭ چاغانلىق دەم ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، ئاۋىياتسىيە يولۇچىلىرى شۇ چاغدا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك نورمال سەۋىيەسىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىمەكتە.