ترامپ: ئاسىيادىكى زىيارىتىمنى خۇلاسىلەپ، دىپلوماتىيە نەتىجىلىرىمنى داغدۇغىلىق جاكارلايمەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:57

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 13-نويابىر فىلىپپىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن شۇ يەر ۋاقتى 15-نويابىر ئاق سارايدا ئاسىياغا قىلغان 12 كۈنلۈك زىيارىتىمدە ئېرىشكەن مول نەتىجەمنى خۇلاسىلەپ، زىيارەت مەزگىلىدە ھاسىل قىلغان سودا كېلىشىمى ۋە باشقا دىپلوماتىيە نەتىجىلىرىمنى داغدۇغىلىق جاكارلايمەن.

ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، مەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەن ۋە ئامېرىكىلىقلارغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ھېس قىلدىم، مەن بۇ دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.