ب د ت پىڭ چاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ماقۇللىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:58

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 14-نويابىر «ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇرۇش توختىتىش قارارى»نى بىردەك ماقۇللاپ، كېلەر يىلى فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان پىڭ چاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدى كەينىدە بارلىق دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇناننىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1993-يىلىدىن بۇيان ھەر ئىككى يىلدا ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ماقۇللاپ كەلگەن.

«ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇرۇش توختىتىش قارارى»دىن مەقسەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 190دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىخەتەر ۋە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىش، ئاساسلىق مەزمۇنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى يەتتە كۈندىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يەتتە كۈنگىچە ھەر قانداق دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش.