گابرىئېل بىلەن ۋوندېرىيان: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتى زور
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گابرىئېل بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋوندېرىيان 13-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ساھەسىدە «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق» ھاسىل قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىگىلىنىشىچە بۇ ھەمكارلىق رامكىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېلىشىم ئىمزالىغىچۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ئىقتىدارىنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇپ، مۇداپىئە ئىشلىرى تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ھەمدە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى قەرەللىك كۆپەيتىش قاتارلىق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىدىكەن.