غەربىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى ئون دۆلەت مۇداپىئە مېخانىزمى يىغىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 18:00

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

غەربىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى ئون دۆلەت «5+5 مۇداپىئە مېخانىزمى» 13-نويابىر ئالجىرىيەدە يىغىن ئاچتى، شىمالىي ئافرىقىدىكى بەش دۆلەت ۋە ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ھەربىيسىز بوشلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئالجىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، جانلىق قانۇن ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەربىيسىز بوشلۇق تەھدىتىگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئارىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.