ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 18:00

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 13-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ترامپ مەزكۇر كېلىشىم ماددىسىدىن ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسى، ئىشچىلار ساھەسى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارغا پايدىلىق مەزمۇنلارنى تېپىپ چىقمىغىچە، ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىقىش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا كېلىشىمدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا كېلىشىمدىن بالدۇرراق چېكىنىپ چىقىدۇ. «پارىژ كېلىشىمى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىش جەريانىنى تاماملىشىغا يەنە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ 2020-يىلى نويابىردا ئاندىن كېلىشىمدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.