شىنجاڭنىڭ تاۋارلىرى ئۆزبېكىستاندا پەيدا بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:27

9-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى 5-دېكابىردىن 7-دېكابىرغىچە ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي 45 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، بۇ ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، دېھقانچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەر ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، خەلقئارا ئەشيا-ئوبوروتى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە چېتىلىدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتى شىنجاڭ سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ياۋ يۈجېن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يەنە 66 ئېسىل فوتو-سۈرئەتلەر مەركەزلەشتۈرۈلۈپ كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادىمىيەت ئەھۋالى ھەمدە شەھەر، ئىقتىساد-سودا، قاتناش، پەن-تېخنىكا، داۋالاش، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.