ب د ت نىڭ باش كاتىپى: پەلەستىننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆز ئالدىغا قوللىنىلغان ھەر قانداق تەدبىرگە قارشى تۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:30

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 6-دېكابىر: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئىستىقبالىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئۆز ئالدىغا تەدبىر قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ دېدى.

گۇتېررېس تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئېرۇسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسىنى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي غەمخورلۇقى شەرتى ئاستىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن، بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچ بىرگە ئۆتۈپ، ئېرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ، ئاخىرقى ئورۇن مەسىلىسى ھەققىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مۇۋاپىق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.