ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ئەڭ يېڭى يەرشارى تۇپراق كاربون زاپىسى خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-07 17:31

5-دېكابىر «دۇنيا تۇپراق كۈنى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى شۇ كۈنى ھازىرغىچە ئەڭ مۇكەممەل بولغان يەرشارى تۇپراق كاربون زاپىسى خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تۇپراقتىكى كاربون زاپىسىنى ئاشۇرۇش ۋە قوغداشنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بىجۈرگىچىسى مارىيە خېلىنا سېمىدو ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ رىمدىكى باش ئورگىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇپراق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي، ئاشلىق تېرىشنىڭ ئۇلى. تۇپراقنىڭ مۇھىم ئىقتىدارىنى قوغداش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاش، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تۇپراق باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.